ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (05)

1713168
ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشى

(جان ئاجۇن)

تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى سۈرىيە ۋە لىۋىيە قاتارلىق نۇرغۇن گېئوپولىتىكىلىق مەسىلىلەر بىلەن سىناققا ئۇچراۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ۋىلادىمىر پۇتىن سوچىدا كۆرۈشتى. ئۇچرىشىش ۋاقتى جەھەتتىن مۇھىم بولۇپ، رەھبەرلەرنىڭ بارلىق مەسىلىلەرگە قارىماستىن ئىجابىي كۈن تەرتىپ شەكىللەندۈرەلىگەنلىكى كۆرۈلدى. بولۇپمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا ۋە بايدېنغا قاراتقان قاتتىق باياناتلىرىدىن كېيىن، سوچى رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ مۇھىم ئاقىۋەتلىرى بولىشىمۇ مۇمكىن.

تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى نۇرغۇن مۇھىم گېئوپولىتىكىلىق مەسىلىلەر بىلەن سىناققا ئۇچرىماقتا. لىۋىيەدە رۇسىيەمۇ قوللىغان ئاقىلا سالىھ رەھبەرلىكىدىكى ئاۋام پالاتاسى ھۆكۈمىتىدىن ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بىر ۋەزىيەتتە، تۈركىيەنىڭ قىرىمغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە پولشا، ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئۇچقۇچۇسىز ھۇجۇمچى ئايروپىلانلارنى سېتىپ بەرگەنلىكىگە بولغان ئەندىشىسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پات-پات جىددىيلىك پەيدا قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. بىراق ھەر ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە يەنىلا سۈرىيە مەسىلىسى بولدى.

بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىدلىبنى سىستېمىلىق بومباردىمان قىلىشنى باشلىشى، ھەتتا تۈركىيە تەربىيەلەپ قوراللاندۇرغان سۈرىيە مىللىي قىسىملىرىنى ئافرىندا بىۋاسىتە ھۇجۇم نىشانى قىلىشى ئېغىر جىددىيلىك ياراتقان ئىدى. تۈركىيە بۇ يېڭى ھەربىي ھەرىكاتچانلىقنى ئىدلىبقا قارشى بىر ھەربىي ھەرىكەتنىڭ تەييارلىقى بولىشى مۇمكىن دەپ قاراپ، مەيداندىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇردى. ئارقىدىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلىسى ئاقار بەزى باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، ئەندىشىسىنى تىلغا ئېلىشتىن چېكىنمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرىكى سوچى كېلىشىمى دائىرىسىدە پ ك ك نىڭ سۈرىيە تارمىقىنىڭ تۈركىيە چېگراسىدىن 32 كىلومىتىر چوڭقۇرلۇققا چېكىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىك تۇرۇغلۇق رۇسىيەنىڭ بۇ ۋەدىسىنى ئورۇندىمىغانلىقى مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە.

بۇ شارائىتتا ئىككى رەھبەرنىڭ قايتىدىن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا ئۇچرىشىشى تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بولۇپمۇ  جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى دائىرىسىدىكى ئامېرىكا زىيارىتىدە ئېلان قىلغان بايانلىرىدا بايدىننى تەنقىد قىلىپ، پۇتىن ۋە تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە قارىتا ئىجابىي سىگناللارنى بېرىشى بۇ قېتىمقى رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈردى.

ئۇچرىشىشتا ئىككى رەھبەر سۈرىيە، لىۋىيە ۋە ئافغانىستان قاتارلىق مۇھىم مەسىلەردىن باشقا يەنە ئېنېرگىيە-گېئوپولىتىكىسى ۋە ئۆز-ئارا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلغاندەك قىلىدۇ. ئەلۋەتتە ئاممىغا ئاشكارىلانمىغان مۇھىم مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇلارنىڭ نەتىجىسىگە قارىتا ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرىكەت ئۇسلۇبى مۇھىم يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ئاخىرىدا ئىدلىب قاتارلىق ھېچ بىر مەسىلىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى زەھەرلىشىگە ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ يول قويمايدىغانلىقى ۋە ئىجابىي كۈن تەرتىپلەرنى ساقلاپ قىلىدىغانلىقى نامايان بولدى دېيىشكە بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر