رۇسىيەنىڭ «سۇ-34» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

رۇسىيەنىڭ سۇ-34 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى ئۇچقۇچى قازا قىلدى.

2151532
رۇسىيەنىڭ «سۇ-34» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ھاۋا ۋە ئالەم قاتنىشى قىسىملىرىنىڭ سۇ-34 تىپلىق بىر كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ شىمالىي ئوسېتىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاغلىق رايونىدا مەشىق قىلىۋاتقان ئەسنادا چۆللۈككە چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاننىڭ ھەر ئىككى ئۇچقۇچىسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، ئايروپىلاننىڭ تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خادىملىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئەۋەتىلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر