رۇسىيە يادرو قورالى مانېۋىرىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى باشلىدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىستراتېگىيەلىك بولمىغان يادرو قوراللىرى مانېۋىرىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2151609
رۇسىيە يادرو قورالى مانېۋىرىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مىنىستىرلىقى، پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، ئىستراتېگىيەلىك بولمىغان يادرو كۈچلىرى مانېۋىرىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ باشلانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «مانېۋىر جەريانىدا رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە ئارمىيەلىرى ئىستراتېگىيەلىك بولمىغان يادرو قواللىرىنى ئۇرۇشتا ئىشلىتىشنى بىرلىكتە مەشىق قىلىدۇ» دېدى.

مانېۋىرنىڭ رۇسىيە-بېلارۇسىيە بىرلەشمە دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى شەرتسىز كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيە ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بولمىغان يادرو قوراللىرىنى ئۇرۇشتا ئىشلىتىشكە تەييار ھالەتكە كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 21-ماي دۆلەتنىڭ جەنۇبىي ھەربىي رايونىدا ئىستراتېگىيەلىك بولمىغان يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش مانېۋىرى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

مىنىستىرلىق: «مانېۋىر بىر قىسىم غەرب ئەمەلدارلىرىنىڭ رۇسىيەگە قارشى تەھدىتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇترىتىش خاراكتېرلىك بايانلىرىغا جاۋابەن رۇسىيەنىڭ يادرو كۈچلىرىنىڭ تەييارلىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى»غا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەنىدى.

رۇسىيە ئۆتكەن يىلى «ناتونىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، بېلارسىيەگە تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر