پېتېر ستانو: تۈركىيە ياۋروپاغا، ياۋروپا تۈركىيەگە موھتاج

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى باياناتچىسى پېتېر ستانو: «تۈركىيە ياۋروپاغا، ياۋروپامۇ تۈركىيەگە موھتاج؛ چۈنكى بىز بىرلىكتە كۈچلۈكمىز» دېدى.

2151256
پېتېر ستانو: تۈركىيە ياۋروپاغا، ياۋروپا تۈركىيەگە موھتاج

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باياناتچىسى پېتېر ستانو بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىدا تۈركىيەلىك مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.

مۇخبىرلارنى تۈركىيە بايرىقى چۈشۈرۈلگەن مايكا كىيگەن ھالدا قارشى ئالغان ستانو،ئۇلارغا تۈركچە سالام بەردى ۋە ئۆزىنىڭ تۈركىيەنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇخبىرلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى - تۈركىيە مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەھمىيىتىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«تۈركىيە ياۋروپاغا، ياۋروپامۇ تۈركىيەگە موھتاج، چۈنكى بىز بىرلىكتە كۈچلۈكمىز» دېگەن ستانو،  ئەزالىق سۆھبەتلىرىنىڭ قايتا باشلىنىشى توغرىسىدا توختىلىپ: «بۇمۇ بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنى قايىل قىلىش ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە. چۈنكى بۇ مەسىلە پەقەت 27 ئەزا دۆلەت قوللىغاندىلا ھەل بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر