پېسكوۋ پۇتىننىڭ مىنىستىر خاقان فىدان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2151611
پېسكوۋ پۇتىننىڭ مىنىستىر خاقان فىدان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىمىترىي پېسكوۋ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، پۇتىننىڭ خىزمەت زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىداننى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

فىداننىڭ موسكۋادا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان پېسكوۋ، پۇتىن بىلەن بۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ نەتىجىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

دىمىترىي پېسكوۋ تۈركىيە-رۇسىيە كۈنتەرتىپىنىڭ ئەزەلدىن ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇ رامكا ئىچىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان نۇرغۇن مەسىلە بارلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر