خاقان فىدان نىژنىي نوۋگورود شەھىرىدە لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان كېسەك ئالتۇن (BRICS) دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان رۇسىيەنىڭ نىژنىي نوۋگورود (Nijniy Novgorod) شەھىرىدە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى.
![خاقان فىدان نىژنىي نوۋگورود شەھىرىدە لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/09e8/6d36/967c/666825b839bde.jpg?time=1722044872)
![fidan parilla.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/b80b/f12a/f493/666825d385c1b.jpg?time=1722044872)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خاقان فىدان بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ كۆرۈشۈشىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايون مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، تۈركىيە نۇقتىسىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئىقتىسادىي مەسىلىلەرمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەن. ئىككى مىنىستىر يەنە، غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، ئوتتۇرا شەرق ۋە جەنۇبىي كاۋكاز رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا خەلقئارا كۈنتەرتىپنىڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان. لاۋروۋ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانغا رۇسىيەنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتىدا ئالدىنقى ئورۇندا قويىدىغان مەسىلىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.
خاقان فىداننىڭ نىژنىي نوۋگورود شەھىرىدە كۇبا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى برۇنو رودرىگۇئېز پارىللا بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خاقان فىدان ئېكس (X) بېتىدە ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، «مىنىستىرىمىز <BRICS+> يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان نىژنىي نوۋگورودتا كۇبا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى برۇنو رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشۈپ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر، كۇباغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولار، غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى» دېدى.
قەيت قىلىنىشىچە، خاقان فىدان «پەلەستىن دەۋاسى» نى قوللىغانلىقى ئۈچۈن كۇباغا تەشەككۈر ئېيتقان.