ھاماس خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «ئۇرۇش توختىتىش قارارى»نى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززەدە مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش... توغرىسىدىكى قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2151350
ھاماس خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «ئۇرۇش توختىتىش قارارى»نى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززەدە مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇ يەردىن پۈتۈنلەي چېكىنىشى، ئەسىر ئالماشتۇرۇش، رايوننى قايتا گۈللەندۈرۈش ۋە كۆچۈرۈلگەنلەرنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشىنى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسىنى ماقۇللىنىشىنى قىزغىن «قارشى ئالىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

ھاماس بايانات ئېلان قىلىپ، تەشكىلاتنىڭ پەلەستىن خەلقى ۋە قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ تەلەپلىرىگە مۇۋاپىق بۇ پىرىنسىپلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى توغرىسىدا ۋاسىتىلىك سۆھبەتلەرگە ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن، ۋاسىتىچىلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باياناتتا يەنە، ھاماسنىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىشى ۋە قۇددۇسنى پايتەخت قىلغان، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان تولۇق مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى» تەكىتلەندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئېلان قىلغان، بىرىنچى باسقۇچى غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان ئۈچ باسقۇچلۇق قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلغانىدى.

15 ئەزالىق ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بېلەت تاشلاشتا، ئامېرىكا سۇنغان قارار لايىھەسىگە 14 ئەزا قوللاپ بېلەت تاشلىغان، رۇسىيە بولسا، بېلەت تاشلاشتىن يالتايغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر