ھىندونېزىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەردوغان ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى

ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېتنو مەرسۇدى دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان 8 دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتلىرى توغرىسىدىكى ۋىدېئونى ھەمبەھىرلىدى.

2151622
ھىندونېزىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەردوغان ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رېتنو مەرسۇدى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Instagram سەھىپىسىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ  8 دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتلىرى توغرىسىدىكى ۋىدېئونى ھەمبەھىرلىدى.

ۋىدېئودىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مەرسۇدىغا ھەدىيە قىلغان «تۈركىيەنىڭ يېڭى ئىستىراتېگىيەسى: دۇنيا 5 تىن <پۈتكۈل دۇنيانى باشقۇرۇۋاتقان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 ئەزاسىدىن> مۇ چوڭ» ناملىق كىتابىمۇ ئورۇن ئالىدۇ.

ئەردوغان 8-ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان  8 دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن، ئىشتىراكچى مىنىستىرلارنى قوبۇل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر