بايدىن 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىتالىيەدە چاقىرىلىدىغان 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
2151620
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراينىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، جو بايدىن 13-15-ئىيۇن كۈنلىرى ئىتالىيەنىڭ ئاپۇلىيا رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.
باش تېمىسىنىڭ «غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش» بولۇشى كۈتۈلۈۋاتقان 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا، رەھبەرلەر ئۇكرائىناغا بېرىلىۋاتقان ياردەم مەسىلىسى ۋە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قارىتا كۆز قاراشلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.
بايدىن باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيەگە قارشى ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايدىكەن.