ب د ت ئىسرائىلىيەنىڭ يۈزلىگەن پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈشىنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 4 ئەسىرنى  قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نۇسايراتتا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرى داۋامىدا يۈزلىگەن پەلەستىن پۇقراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ئەيىبلىدى.

2151327
ب د ت ئىسرائىلىيەنىڭ يۈزلىگەن پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىچ ئىسرائىلىيەنىڭ نۇسايرات مۇساپىرلار لاگېرى ۋە ھەرقايسى رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ستېفان دۇجاررىچ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېسنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 4 كىشىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 200 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈشى ھەققىدە ئىسرائىلىيەگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«باش كاتىپ يۈزلىگەن پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە يارىلىنىشىدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدۇ ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 8 – ئىيۇن كۈنى غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نۇسايرات مۇساپىرلار لاگېرى ۋە ھەرقايسى رايونلارغا قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىزدىن بىرلا ۋاقىتتا قىلغان ھۇجۇملىرى داۋامىدا، 64 بالا ۋە 57 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 274 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 153  بالا بىلەن 161 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 698 پەلەستىنلىك يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر