ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى «غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش» لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئېلان قىلغان، بىرىنچى باسقۇچى غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان ئۈچ باسقۇچلۇق قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.

2151342
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى «غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش» لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 15 ئەزالىق ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بېلەت تاشلاشتا، ئامېرىكا سۇنغان قارار لايىھەسىگە 14 ئەزا قوللاپ بېلەت تاشلىدى، رۇسىيە بولسا، بېلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

قاراردا، مىسىر، ئامېرىكا ۋە قاتارنىڭ ئىسرائىلىيە 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان غەززە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقىغا ۋە 31-ماي جو بايدىن ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ باسقۇچلۇق تەكلىپ لايىھەسىگە يۇقىرى باھا بېرىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ بايدىننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان قاراردا، ھاماسمۇ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىش ۋە يولغا قويۇشقا چاقىرىلدى.

قاراردا، ئۈچ باسقۇچلۇق تەكلىپنىڭ روھىغا ئاساسەن، بىرىنچى باسقۇچتا، دەرھال ئۇرۇش توختىتىپ، ئاياللار، ياشانغانلار ۋە يارىلانغان ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، پەلەستىنلىك ئەسىرلەرنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىكى ئاھالىلەر رايونلىرىدىن چېكىنىشى، رايونغا يەتكۈزۈلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ مىقدارىنىڭ كۆپەيتىلىشى، ئاساسىي ئەسلىھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، غەززەنىڭ شىمالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن رايوندىكى پەلەستىنلىك پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تۇرالغۇ جاي ياردىمى قىلىشى قاتارلىقلارنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تەرەپلەر بىردەكلىك ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، ئىككىنچى باسقۇچتا، كىرىزىسنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىش ئۈچۈن، قالغان ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان قاراردا، ئىسرائىلىيەدىن غەززەنىڭ بارلىق جايلىرىدىن چېكىنىشى تەلەپ قىلىندى.

لايىھەنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچىدا، بىر قانچە يىل داۋاملىشىدىغان غەززەنى قايتا قۇرۇش پىلانىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى ۋە بۇ مۇساپىدە قازا قىلغان ئەسىرلەرنىڭ جەسەتلىرىنىڭ تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئەگەر بىرىنچى باسقۇچلۇق سۆھبەت 6 ھەپتىدىن ئېشىپ كەتسە، ئۇرۇشنىڭ سۆھبەتلەر ئاخىرلاشقۇچە توختىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن قاراردا، تەرەپلەرنىڭ كېلىشىمنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە ب د ت ئەزالىرىنىڭ بۇ مۇساپىگە يېقىندىن ھەمدەم بولۇشى تەلەپ قىلىندى.

قاراردا يەنە، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەززە بىلەن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى پەلەستىن ھۆكۈمىتى قارمىقىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر