2023-يىلى قوراللىق توقۇنۇشلارنىڭ ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن يىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى

دۇنيا مىقياسىدا سۈركىلىش ۋە زوراۋانلىقلار كۈچىيىپ كەتكەن 2023-يىلى قوراللىق توقۇنۇشلار ئەڭ كۆپ بولغان يىللارنىڭ بىرى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالدى.

2151336
2023-يىلى قوراللىق توقۇنۇشلارنىڭ ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن يىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيەدىكى ئوسلو تىنچلىق تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى، 2023-يىلىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى (1945-يىلى) ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ كۆپ زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە قوراللىق توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن يىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ئۆتكەن يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 59 توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى، بۇنىڭ 28 ىنىڭ ئافرىقا قىتئەسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكى تەكىتلەندى.

دوكلات مەسئۇلى سىرى ئاس رۇستاد بۇ ھەقتە توختىلىپ: «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى زوراۋانلىق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى» دېدى.

توقۇنۇشلارنىڭ كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان رۇستاد ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە يۈز بەرگىنىگە ئوخشاش، ئوخشاش بىر دۆلەتتىمۇ بىر قانچە يەردە توقۇنۇشلار يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، يېقىنقى 3 يىلدا توقۇنۇشتا قازا قىلغانلار سانىنىڭ يېقىنقى 30 يىلدا ئوخشاش سەۋەبتىن قازا قىلغانلار سانىدىن كۆپ ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

2023-يىلى 122 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ توقۇنۇشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ئۆتكەن يىلى قىسقىغىنە 3 ئاي ئىچىدە ئۇكرائىنادا 71 مىڭ كىشىنىڭ، غەززەدە 23 مىڭ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇپسالا ئۇنۋېرسىتىتى توقۇنۇش سانلىق مەلۇمات پىروگراممىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن پايدىلىنىلغان مەزكۇر دوكلاتنىڭ، 1946-يىلدىن 2023-يىلغىچە بولغان جەرياندا يەر شارى مىقياسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارنى مۇھاكىمە قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر