ئاۋستىرالىيەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيلىكىگە قارشى نامايىش توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى

ئاۋستىرالىيە ساقچىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇمىغا نارازلىق بىلدۈرگەن مىڭلىغان نامايىشچىغا قارا مۇچ گازى ئىشلىتىپ تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇندى.

2150856
ئاۋستىرالىيەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيلىكىگە قارشى نامايىش توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرالىيە مېلبورن شەھىرىدە «پەلەستىنگە ئەركىنلىك» شوئارى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا تەخمىنەن 3 مىڭ كىشى قاتناشتى.

نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن رايونغا يېتىپ بارغان ساقچىلار، شەھەر مەركىزىگە يىغىلغان پەلەستىننى قوللىغۇچىلارغا قارا مۇچ گازى سىقتى. نامايىش جەريانىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلارئوتتۇرىسىدا مالىمانچىلىقلار يۈز بەردى.

نامايىشچىلار ساقچىلارنىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدا مالىمانچىلىق چىقىشتىن بۇرۇنلا  قارا مۇچ گازى ئىشلىتىشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

يەنە بىر تەرەپتە، سىدنېي شەھىرىدە ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ 9 دېرىزىسى كالتەك بىلەن چېقىپ تاشلاندى. كونسۇلخانىنىڭ كىرىش ئىشىكىگە قىزىل بوياق بىلەن پەلەستىن قوللىغۇچىلىرى ئىشلىتىدىغان سىمۋوللۇق تەتۈرئۈچبۇلۇڭ سىزىلدى.

ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانىس ۋەقەنى ئەيىبلەپ، «ھۆرمەت ئاساسىدىكى سىياسىي مۇنازىرە ۋە سۆزلەر» گە چاقىرىق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر