ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربي قىرغاقتىمۇ پەلەستىنلىكلەرنى ئۆلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربي قىرغاقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان تۇلكەرىم ۋە تۇباس شەھەرلىرىدە، بىر كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.

2150881
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربي قىرغاقتىمۇ پەلەستىنلىكلەرنى ئۆلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇلكەرىم شەھىرىدىكى سابىت دوختۇرخانىسىنىڭ يازما باياناتىدا، «ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئاتقان ئوقلارنىڭ نىشانى بولغان 21 ياشلىق يۈسۈپ ئابدۇدائىم شېھىت بولدى» دېيىلدى.

گۇۋاھچىلاردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تۇلكەرىم شەھىرى يېنىدىكى زەنابە يېزىسىغا بېسىپ كىرگەن. بۇ جەرياندا، بىنالارنىڭ ئۆگزىسىگە مەرگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىدىكى نۇرغۇن ئۆيلەر ئاختۇرۇلغان. ئىسرائىلىيە مەرگەنلىرىنىڭ قالايمىقان ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە تۇلكەرىمدىكى پەلەستىن خۇدۇرى تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇش فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىسى ئابدۇدائىم شېھىت قىلىنغان.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى يەنە، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا قاراشلىق تۇباس شەھىرىگە يېقىن فارىيا پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغىمۇ ھۇجۇم قىلدى.

پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «ۋافا»(WAFA) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى فارىيا پاناھلانغۇچىلارلاگېرىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرگەن.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بېسىپ كىرىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن پەلەستىنلىكلەرگە قارشى راست ئوق ئېتىلغان.

ھۇجۇم جەريانىدا 15 ياشلىق مەھمۇد نىبراسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە تۆت پەلەستىنلىك يارىدار قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر