ب د ت:  «غەززەدە بىنالارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىندى»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان ھۇجۇم قىلىشنى توختاتمىغانلىقىنى ۋە غەززە رايونىدا بىنالارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2150900
ب د ت:  «غەززەدە بىنالارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىندى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ يېقىن شەرقتىكى پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ۋە مۈلكىيەت ئىدارىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتىدە غەززە ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، غەززەدىكى ۋەيرانچىلىقنىڭ تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى ۋە رايوندىكى بىنالارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان خارابىلىقلارنى تازىلاش ئۈچۈنمۇ بىر قانچە يىل ۋاقىت كېتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ: «بۇ ئۇرۇشنىڭ پىسخىكىلىق بۇزغۇنچىلىقىدىن قۇتۇلۇشقا تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، غەززەدىكى يۈز بەرگەن ئازاب - ئوقۇبەتلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكى تەكىتلىنىپ، ئۇرۇش توختىتىش تەلەپ قىلىندى.

غەززەدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن 24 - مايدا ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 7 - ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززەگە 77 مىڭ توننا پارتلاتقۇچ ئاتقان، غەززەدە 87 مىڭ ئۆي پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان ۋە جەمئىي 297 مىڭ قوروجاي ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان.

ب د ت نىڭ ئىلگىرىكى ئېلان قىلغان باياناتىدا، غەززەدىكى بىنا خارابىلىقلىرىنى تازىلاش ئۈچۈنلا 14 يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر