ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ چېدىرلىرىنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززەدىكى رەفاھ شەھىرىدىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ چېدىرلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

2144602
ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ چېدىرلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ رەفاھ شەھىرىدىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ چېدىرلىرىنى بومباردىمان قىلغاندا، دەسلەپكى مۆلچەرلەرگە ئاسلاسلانغاندا 40 پەلەستىنلىك شېھىت بولدى.

پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋافا (WAFA) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى رەفاھنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئورگىنى (UNRWA) نىڭ ئامبارلىرى جايلاشقان رايونغا يېقىن جايدىكى ئۆي - ماكانسىز پەلەستىنلىكلەرنىڭ چېدىرلىرىنى بومباردىمان قىلغان.

بۇ ۋەھشىيانە ھۇجۇمدا، دەسلەپكى مۆلچەرلەرگە ئاسلاسلانغاندا 40 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەن.

پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەرنىڭ جەسىتىنى ۋە يارىلانغانلارنى دوختۇرخانىغا يەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  

غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى رەفاھ شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۆي–ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان پەلەستىنلىكلەر تۇرۇشلۇق لاگېرىنى ۋەھشىيلەرچە بومباردىمان قىلدى. بومباردىماندا نۇرغۇن پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە يارىلاندى. يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ، تېپىش خىزمىتى داۋاملاشماقتا» دېيىلدى.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچىلار: «ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ بومباردىمانىدا لاگېردىكى نۇرغۇن چېدىرلار ۋەيران بولدى ۋە كۆيۈپ كەتتى. بۇ لاگېردا ئۆي - ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىلغان مىڭلىغان سەرگەردان پەلەستىنلىكلەر ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ھەلبۇكى ئىسرائىلىيە قىسىملىرى رەفاھ شەھىرىنى بوشىتىشتا خەلقنىڭ مۇشۇ يەرگە يۆتكىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى» دېدى.

گۇۋاھچىلار ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ لاگېرنى كەم دېگەندە 8 راكېتا بىلەن بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر