سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشىققە باش ئەلچى تەيىنلىدى

سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىققە باش ئەلچى تەيىنلىدى.

2144569
سەئۇدى ئەرەبىستان ئارىدىن 12 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشىققە باش ئەلچى تەيىنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى س پ ئا (SPA) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىققە فايسال بىن سەئۇد ئەل مىجفىل باش ئەلچىلىككە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن.

شۇنداق قىلىپ، مىجفىل سۈرىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى 12 يىل ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، دەمەشىققە تەيىنلەنگەن تۇنجى باش ئەلچى بولدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان 2011 - يىلى سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلاپ بىر يىلدىن كېيىن دەمەشىقتىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىغان ئىدى.

دەمەشىق ھۆكۈمىتى 2023 - يىلى 7 -  مايدا ئەرەب ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، 2023 - يىلى 9 - مايدا سەئۇدى ئەرەبىستان سۈرىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

سۈرىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئارىدىن 11 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 6 - دېكابىر (2023) دا سەئۇدى ئەرەبىستانغا باش ئەلچى تەيىنلىگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر