ئامېرىكا – خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى سىنگاپوردا كۆرۈشىدۇ

ئامېرىكا – خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى كېلەر ھەپتە سىنگاپوردا تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشىدۇ.

2144141
ئامېرىكا – خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى سىنگاپوردا كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىننىڭ خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دوڭ جۈن بىلەن  سىنگاپوردا 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا چاقىرىلىدىغان «خەلقئارا مۇداپىئە دىيالوگ مۇنبىرى» يىغىنى دائىرىسىدە بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.

بۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىنن بىلەن بۇلتۇر 12-ئايدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دوڭ جۈننىڭ تۇنجى قېتىملىق يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىننىڭ ئاۋۋال سىنگاپور، ئارقىدىن كامبودژاغا قىلىدىغان زىيارەتلىرى، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن بولغان تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە تەھدىتنى يوقىتىش نىشان قىلىنغان ئورتاق رايونلىق ئىستراتېگىيەلىك پىلان دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى» نىڭ داۋامى ئىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2023-يىلى نويابىردا سان فىرانسىسكودا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەربىي ئالاقىنى قايتىدىن ئورنىتىشقا پۈتۈشكەندىن كېيىن، لويد ئوستىن بىلەن دوڭ جۈن ئالدىنقى ئايدا سىن ئارقىلىق تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەنىدى.

ئوستىن 2022-يىلى چاقىرىلغان «خەلقئارا مۇداپىئە دىيالوگ مۇنبىرى» يىغىنى جەريانىدا، شۇ ۋاقىتتىكى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ 2023-يىلى چاقىرىلغان «خەلقئارا مۇداپىئە دىيالوگ مۇنبىرى» يىغىنىدا، ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپى بېيجىڭ تەرىپىدىن رەت قىلىنغانىدى.

خىتايدا بىر مەزگىل غايىب بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇنىڭ ئورنىغا، 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ئادمىرال دوڭ جۈن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر