ئوستىن بىلەن گاللانت غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يواۋ گاللانت بىلەن غەززە ۋەزىيىتى توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

2143399
ئوستىن بىلەن گاللانت غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېنېرال پات رايدېرنىڭ ئىككى مىنىستىرنىڭ  تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تەرەپلەرنىڭ غەززە ۋەزىيىتى ۋە رايونغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئوستىن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى مىسىر بىلەن سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى قايتىدىن ئېچىش ۋە كەرەم ئەبۇ سالىم چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرغان.

ئوستىن يەنە غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ھەرىكىتى بىلەن ھەربىي ھەرىكەتلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىيدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

سۆھبەت جەريانىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللاش ۋەدىسى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەن.

ئوستىن يەنە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى باش تەپتىشى كەرىمخاننىڭ ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىغا قارشى تۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر