ئىسرائىلىيەدە نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا

ئىسرائىلىيەدە يۈزلىگەن نامايىشچى قۇددۇستىكى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس)  بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

2143341
ئىسرائىلىيەدە نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى، غەربىي قۇددۇستىكى كوچىلارغا چىقىپ، قاتناش يولىنى تاقىدى. شۇنداقلا ھاماس بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقى سەۋەبلىك، بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە ھۆكۈمىتىنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى، ھاماس بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈلۈشى ۋە ئەسىرلەرنىڭ دەرھال ئۆيلىرىگە قايتىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا ئارىلاشتى.

ئەسىرلەرنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمۇ ھايفا شەھەرلىك ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھاماس بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەدە ئەسىرلەرنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەگە ھۇجۇم قوزغىغاندىن بۇيان بۇ دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا نامايىش تەشكىللەپ، بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر