ئىسرائىلىيە ئەسكىرى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى

غەززەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان رەفاھ شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى ۋەيران قىلىنغان بىر مەسچىتكە كىرگەن بىر ئىسرائىلىيە ئەسكىرى، قۇرئان كەرىمنى يېقىن ئەتراپتىكى كۆيۈۋاتقان ئوتقا تاشلىدى.

2143393
ئىسرائىلىيە ئەسكىرى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ گىۋاتى بىرىگادىسى قارمىقىدىكى روتېم 435 باتالىيونىنىڭ ئىتزاك بۇزناھ ئىسىملىك ​​بىر ئەسكىرى، ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۆزىنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئوتقا تاشلىغان كۆرۈنۈشىنى ھەمبەھرىلىدى.

قاچان تارتىلغانلىقى ئېنىقلىنالمىغان كۆرۈنۈش ئىجتىمائىي تاراتقۇدا چاقماق تېزلىكىدە تارقاپ كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلدى. نارازىلىقلاردىن كېيىن بۇزناھنىڭ ئىنستاگرامدىكى ئارخىپ رەسىمىنى ئۆچۈرۈپ، ھېساباتىنى قۇلۇپلاپ قويغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا، كەم دېگەندە 15 مىڭ 103 نەپىرى بالا، 9849 نەپىرى ئاياللار بولۇپ، جەمئىي 35 مىڭ 709 پەلەستىنلىك قازا قىلدى، 79 مىڭ 990 ئادەم يارىلاندى.

باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدا قازا قىلغان كىشىلەرنىڭ بارلىقى، خەلق پاناھلىنىۋاتقان دوختۇرخانا، مەكتەپ قاتارلىق ئاممىۋى ئورۇنلارنىڭ زەربە ئوبيېكتى قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر