ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسارى ۋارھېليى تۈركىيەگە كېلىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوشنىدارچىلىق ۋە كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارى ئولىۋېر ۋارھېليى تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
2142789
![ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسارى ۋارھېليى تۈركىيەگە كېلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/f1ab/1b3f/6720/664d9ee483bea.jpg?time=1718785453)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوشنىدارچىلىق ۋە كېڭىيىش ئىشلىرى كومىسسارى ئولىۋېر ۋارھېليىنىڭ 22-23-ماي كۈنلىرى تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، ۋارھېليى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن كۆرۈشىدىغان بولۇپ، كۆرۈشۈشتە تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، شۇنداقلا رايون ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر توغرۇلۇق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.