ئىتالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يىغىن جەريانىدا ھۇشىدىن كەتتى

ئىتالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۇيدو كروسېتتو دوختۇرخانىدا جىددىي بالنېستقا ئېلىندى.

2142665
ئىتالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يىغىن جەريانىدا ھۇشىدىن كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كروسېتتو پايتەخت رىمدا پىرېزىدېنت سېرگىيو ماتتارېللانىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن «دۆلەتكە يۈزلەنگەن ئىچكى - تاشقى بىخەتەرلىك تەھدىتى ۋە خەلقئارانىڭ يېڭى ۋەزىيىتى» تېمىلىق دۆلەت مۇداپىئە ئالىي كېڭىشى يىغىنىدا تۇيۇقسىز ھۇشىدىن كەتتى.

كروسېتتو ھۇشىدىن كەتكەنلىكى ئۈچۈن يىغىن يېرىمىدا توختىتىلدى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى.

كروسېتتو فېۋرالدىمۇ كۆكرەك ئاغرىقى سەۋەبىدىن رىمدىكى سان كارلو دى نەنسى دوختۇرخانىسىدا بالنېستقا ئېلىنغان ئىدى.

2022-يىلى 25-سېنتەبىردىكى سايلامدا بىرىنچى پارتىيە سۈپىتىدە ئۇتۇپ چىققان ئىتالىيە ئوڭچىل قېرىنداشلار پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان گۇيدو كروسېتتو، 2022 - يىلى 22 - ئۆكتەبىردە باش مىنىستىر گىئورگىيا مېلونىنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان ئوڭ قانات بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.

كروسېتتونىڭ بۇرۇندىنلا يۈرەك كېسىلى بارلىقى مەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر