ئىراندا 28-ئىيۇن پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسىنىڭ ئورنىغا ۋاقىتلىق ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن بىرىنچى مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇخبىر 28-ئىيۇن (2024) پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

2142214
ئىراندا 28-ئىيۇن پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىرنا (IRNA) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇخبىر پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىش توغرىسىدا پارلامېنت باشلىقى مۇھەممەد بەكىر كالىباف ۋە ئالىي سوتنىڭ باشلىقى گۇلامھۈسەيىن مۇخسىن ئەجەئى بىلەن كۆرۈشكەن.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ 28-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا كاندىدات بولماقچى بولغانلار 30-مايدىن 3-ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى 12-ئىيۇندىن 27-ئىيۇن ئەتىگەنگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئىراندا پىرېزىدېنت كاندىداتلىرى ئالتە نەپەر قانۇنشۇناس ۋە ئالتە نەپەر فىقىھشۇناستىن تەشكىل تاپقان ئاساسىي قانۇننى قوغدىغۇچىلار كېڭىشى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، خەلق تەرىپىدىن سايلىنىدۇ.

پىرېزىدېنت ئىبراھىم رەئىسى 19-ماي (2024) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان ۋە بىر قىسىم ئەمەلدارلار بىلەن بىللە ئىران-ئەزەربەيجان چېگراسىدا ياسالغان سۇ توسمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ قايتىۋاتقىنىدا، تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر