ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشتى
ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇللىۋان بىلەن كۆرۈشتى.
2141477
![ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/659d/e997/0784/664aecfce0864.jpg?time=1719069208)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە «كان» (KAN) دۆلەت تېلېۋىزىيەسى نېتانياھۇنىڭ غەربىي قۇددۇستىكى باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىدا، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇللىۋان بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، كۆرۈشۈشنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.
ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئۇچۇر-ئالاقە مەسلىھەتچىسى جون كىربى 17-ماي ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۇللىۋاننىڭ غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇرۇش توختىتىش مۇساپىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
جېك سۇللىۋان زىيارەت پىلانى رامكىسىدا دەسلەپتە سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلغاندا، «ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى يەتكۈزۈش مەسىلىلىرى» نى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى.