رەفاھتىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان پەلەستىنلىكلەر سانى 810 مىڭغا يەتتى
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن رەفاھتىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان پەلەستىنلىكلەر سانى 810 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.
2141795
![رەفاھتىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان پەلەستىنلىكلەر سانى 810 مىڭغا يەتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/970a/a2cd/d523/664b0d8994aac.jpg?time=1719165563)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش ۋە خىزمەت قىلىش ئورگىنى (UNRWA) ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززەنىڭ رەفاھ شەھىرىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان پەلەستىنلىكلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
غەززەدە ھېچقانداق يەرنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «ئائىلىلەر ھەر قېتىم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغاندا، ھاياتلىرى ئېغىر خەتەرلەرگە دۇچ كەلمەكتە. كىشىلەر بىخەتەر جاي ئىزدەش ئۈچۈن، ھەممە نەرسىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى رەفاھتىن يېقىنقى ئىككى ھەپتىنىڭ مابەينىدە 810 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ئۇرۇش توختىتىش تەلەپ قىلىندى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 6-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان پەلەستىنلىكلەر پاناھلىنىۋاتقان رەفاھنىڭ شەرقىدىكى بىر قىسىم مەھەللىلەرنىڭ بوشىتىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 7-ماي رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىپ، غەززەنىڭ مىسىر بىلەن بولغان چېگرا ئېغىزىنىڭ غەززە تەرىپىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.
ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كابىنېتىنىڭ 10-ماي رەفاھقا قارىتىلغان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىنىڭ «دائىرىسىنى كېڭەيتىش» قارارىنى تەستىقلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719165564)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.