ئسىرائىلىيە بايدىننىڭ سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

ئىسرائىلىيەنىڭ ئاشقۇن ئوڭچىل ئېقىمغا مەنسۇپ مەدەنىيەت مىراسلىرى مىنىستىرى ئامىچاي ئېلىياخۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقان سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

2137487
ئسىرائىلىيە بايدىننىڭ سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ ئاشقۇن ئوڭچىل ئېقىمغا مەنسۇپ مەدەنىيەت مىراسلىرى مىنىستىرى ئامىچاي ئېلىياخۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ «رەفاھقا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىسا، ئىسرائىلىيەگە قورال ئەۋەتىشنى توختىتىدىغانلىقى» توغرىسىدىكى باياناتىنى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ئەنگلىيەنىڭ ناتسىستلار بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىگە ئوخشاتتى.

ئېلىياخۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، جو بايدىننىڭ رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن تەقدىردە، ئىسرائىلىيەنى قورال بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1938-يىلى — ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى — ئەنگلىيە بىلەن ناتسىست گېرمانىيەسى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان مىيۇنخېن شەرتنامىسىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ئېلىياخۇ، جو بايدىننى ناتسىستلار بىلەن كېلىشىم تۈزگەن ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى نېۋىللې چامبېرلىنغا ئوخشىتىپ: «بايدىن بەلكىم ۋىنستون چېرچىلغا ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ چامبېرلىن بولۇشنى تاللىدى، ئۇ نومۇسسىزلىقنى تاللىدى، نەتىجىدە نومۇسسىزلىق ۋە ئۇرۇش ئۇنى تاپىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن تەقدىردە، ئىسرائىلىيەگە قورال ئەۋەتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 6-ماي (2024) بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆي-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي مەھرۇم قىلىنغان 1 يېرىم مىليون پەلەستىنلىك پاناھلىنىۋاتقان جەنۇبتىكى رەفاھ شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بەزى مەھەللىلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە غەززەنىڭ رەفاھ رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ مىسىر بىلەن چېگراداش چېگرا ئېغىزىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر