ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھقا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىشىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى ئالاقە ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون كىربى، ۋاشىنگتوننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇقلۇقتىن رەفاھقا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىشىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2136784
ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھقا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىشىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جون كىربى تېلېفون سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھقا قىلغان ھۇجۇمى ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانى ھەققىدە توختالدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن ۋاشىنگتونغا «رەفاھقا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ <چەكلىك ھەرىكەت> ئىكەنلىكى»نى بىلدۈرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان كىربى، تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدەمنى «ھاماسنىڭ غەززەگە قورال يۆتكىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن» باسقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كىربى مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ رەفاھ ھەققىدىكى كۆز قارىشىمىزدا ئۆزگىرىش يوق. بىز نوپۇسى بۇنداق زىچ بولغان رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىشنى قوللىمايدىغانلىقىمىزنى قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق» دېگەن كىربى، بۇ خىل بىر قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنىڭ رايوندىكى بىر يېرىم مىليون پۇقرانىڭ ھاياتىنى ئېغىر شەكىلدە خەۋپكە ئىتتىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن تۈنۈگۈنكى تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، رەفاھقا قىلىنىدىغان ھۇجۇم پەيدا قىلىدىغان كىرىزىستىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى «ئېنىق» ئىپادىلىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن كىربى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرمىدى.

غەززەگە ياردەم ئەشيالىرىنىڭ كىرىشى ئۈچۈن، رەفاھ ۋە كەرەم شالوم چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئوچۇق تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان كىربى،  ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ئىسرائىلىيەلىك سۆھبەتداشلىرىغا ئىزچىل يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر