فىلىپپىن بىخەتەرلىك قىسىملىرى دائېشقا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى
فىلىپپىن بىخەتەرلىك قىسىملىرى دائېش بىلەن چېتىشلىقى بار 12 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
2131000
![فىلىپپىن بىخەتەرلىك قىسىملىرى دائېشقا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/9c5e/66b2/23a2/662768243cd6d.jpg?time=1722044655)
بىرىگادا كوماندىرى جوسې ۋىلادىمىر كاگارا، ماگۇيىنداناۋ دېل سۇر ئۆلكىسىنىڭ داتۇ سائۇدى ئامپاتۇئان ناھىيەسىدە تېرورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى؛ ھەرىكەت جەريانىدا، 7 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى، دائېش بىلەن چېتىشلىقى بار 12 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، نۇرغۇن قورال ۋە ئوق-دورىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.