ئىسرائىلىيە ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەغلۇبىيىتىنى ئېتىراپ قىلىپ ئىستېپا بەردى

ئىسرائىلىيە ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال مايۇر ئاخارون خالىۋا 7 - ئۆكتەبىر (2023) دىكى ھۇجۇمنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەغلۇبىيىتى سەۋەبىدىن ئىستېپا بېرىشنى قارار قىلدى.

2130655
ئىسرائىلىيە ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەغلۇبىيىتىنى ئېتىراپ قىلىپ ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال مايۇر خالىۋا ئىستېپانامەسىنى ئىشتاب باشلىقى خېرزى خالېۋىغا تاپشۇردى.

خالىۋا ئىستېپانامەسىدە، «مېنىڭ قوماندانلىقىمدىكى ئىستىخبارات تارماقلىرى ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالمىدى. ئۇرۇشنىڭ ئازابىنى مەڭگۈگە كۆتۈرۈپ يۇرۈيدىغان بولدۇم، ئەمدى جاۋابكارلىقنى قوبۇل قىلىپ، ۋەزىپەمنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايمەن» دەپ يازدى.  

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدە ئۇنىڭ ئورنىغا ئولتۇرىدىغان كىشىنى بەلگىلەش زۆرۈر بولغاچقا، خالىۋانىڭ ئىستېپانامەسىنىڭ قاچان كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى تېخىچە نامەلۇم.

خالىۋا 7 - ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇمدىن كېيىن مەغلۇبىيىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىستېپا بېرىشنى قارار قىلغان ئىسرائىلىيەنىڭ تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى بولۇپ قالدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 7 - ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇمنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەغلۇبىيىتى ھەققىدە ئارمىيە ئىچىدە تەكشۈرۈش باشلاش ئۈچۈن ھەر قايسى قوماندانلىقلارغا يوليورۇق چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن مارت (2024) نىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى- ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززەددىن ئەلقاسسام بىرىگادىلىرىنىڭ 2023 - يىلى 7-ئۆكتەبىردە ھۇجۇم تەييارلىقى قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىيالمىغان ياكى ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى يېتەرلىك تەدبىرلەرنى ئالالمىغان ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ئۆز ئىچىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر