ياۋروپا تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، قىبرىس سۆھبەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە «ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

2129124
ياۋروپا تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا داۋاملىشىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئالاقىدار بۆلۈمى ئېلان قىلىندى.

باياناتتا: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ مۇقىم ۋە بىخەتەرلىكى ھەمدە تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتى بار» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە: «ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغان قىبرىس سۆھبەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئىلگىرىلىشىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ» دېيىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ھىمايىسىدىكى مۇساپىنى قوللايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «ياۋروپا ئىتتىپاقى قولىدكى بارلىق مۇۋاپىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ب د ت ھىمايىسىدىكى بارلىق باسقۇچلارنى قوللاشقا تەييار» دېيىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېل بايانات بېرىپ: «بىز تۈركىيە بىلەن ئىجابىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى، مۇقىم مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايمىز... مەن قىبرىس ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىمەكچىمەن. بىز قىبرىسنىڭ ئەھۋالىغا، بولۇپمۇ ب د ت نىڭ ھەل قىلىش مۇساپىسىگە ئالاھىدە قىزىقىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر