ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 33970 كە يەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 33 مىڭ 970 گە يەتتى.

2129480
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 33970 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ 195 كۈندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتقا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا يەنە 71 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 106 پەلەستىنلىك يارىلانغان.

باياناتقا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 33970 كە، يارىلانغانلار سانى 76770 كە يەتكەن.

باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدا قازا قىلغان كىشىلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇسى سەۋەبىدىن، داۋالاش ئەترىتى ۋە خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى يۆتكىيەلمەيۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر