سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب ئەزاسى 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2129503
![سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب ئەزاسى 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/bbf8/3c68/144c/63232ffe27643.jpg?time=1722046221)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، بۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى تافلوۋ قولتۇقى رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا 10 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، نۇرغۇن قورال - ياراغ ۋە ئوق – دورىلار قولغا چۈشۈرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، سومالى ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق كۈچەيتىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابمۇ پۇقرالار ۋە ھەربىي رايونلارنى داۋاملىق ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا ئىكەن.