گېرمانىيەدە ئىككى كىشى جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى

گېرمانىيەدە ئىككى كىشى چەت ئەلگە جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.

2129451
گېرمانىيەدە ئىككى كىشى جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە ھەم گېرمانىيە ھەم رۇسىيە پۇقراسى بولغان ئىككى كىشى چەت ئەل جاسۇسلۇق ئورگىنىغا جاسۇسلۇق قىلغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىندى.

گېرمانىيە فېدېراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، دىتېر س بىلەن ئالېكساندېر ج ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇسىيەنى قوللايدىغان بۆلگۈنچىلەر قۇرغان «دونېتسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى تەشكىلاتى» نىڭ ئەزاسى ۋە جاسۇسلۇق ئورگىنىغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن تۈرمىگە سولانغان.

باۋارىيە ئۆلكىلىك جىنايى ئىشلار ئىدارىسى مەزكۇر ئىككى كىشىنىڭ تۇرالغۇسى ۋە خىزمەت ئورنىدا تىنىتىش ئاخئېلىپ بارغان.

ئىگىلىنىشىچە، قولغا ئېلىنغان بۇ ئىككى كىشى يەنە چەت ئەل جاسۇسلۇق ئورگىنىغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشتىن سىرت يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش، پارتلاتقۇچ دورا تەييارلاش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسىتىدە جاسۇسلۇق قىلىش ۋە ھەربىي مۇئەسسەسەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىش قاتارلىق ھەر خىل جىنايى قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر