ئامېرىكا:  ئىرانغا يېڭى ئېمبارگولار يۈرگۈزۈلۈشى مۇمكىن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مالىيە مىنىستىرى جەنېت يېللېن ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن ئىرانغا يېڭى ئېمبارگولار يۈرگۈزۈلۈش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

2128795
ئامېرىكا:  ئىرانغا يېڭى ئېمبارگولار يۈرگۈزۈلۈشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنېت يېللېن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى  ۋە دۇنيا بانكاسىنىڭ باھار مەۋسۇمى يىغىنلىرى دائىرىسىدە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىراننىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرى (13-ئاپرېل كېچىسى) دا ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مالىيە مىنىستىرلىقى ئىران ھاكىمىيىتىنڭ يامان نىيەتلىك ۋە مۇقىملىقنى بۇزىدىغان پائالىيەتلىرىگە داۋاملىق تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە، ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ھوقۇقىمىزدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىشىدۇ.»

يېللېن ئىراننىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرى قىلغان ھۇجۇملىرىدىن تارتىپ قىزىل دېڭىزدا ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرىغىچە بولغان ئىران ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ، رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە بۇنىڭ چوقۇم ئىقتىسادىي ئاقىۋەتلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ توقۇنۇشنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك توقۇنۇشلارغا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، توقۇنۇشنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا پاسسىپ تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە، پات يېقىندا ئىرانغا قوشۇمچە ئېمبارگولارنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى، ئەمما ئىراننىڭ چەكلىك نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىدە قىلىشقا تېگىشلىك تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر