ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە ئىراننى، رۇسىيە ئىسىرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئوتتۇرا شەرقتە جىددىي ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىران بىلەن ئىسىرائىلىيەنى سالماق بولۇشقا چاقىردى.

2127718
ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە ئىراننى، رۇسىيە ئىسىرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئىسىرائىلىيەنىڭ تەلىپى بىلەن توپلانغان خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقتە جىددىيلەشكەن ۋەزىيەتنىڭ رايون ۋە دۇنيا ئۈچۈن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ھازىر سالماش بولىدىغان ۋە جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىدىغان ۋاقىت. ئىراننىڭ رايوندا ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئەيىبلەيمەن ۋە تەرەپلەرنى سالماق بولۇشقا چاقىرىمەن» دېدى.

ئۇ 1-ئاپرېل (2024) ئىسىرائىلىيەنىڭ سۈرىيە پايتەختى دەمەشىقتىكى ئەلچىخانا بىناسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنىمۇ شۇ كۈنى ئەيىبلىگەنلىكىنى خاتىرىلەتتى ۋە مۇنداق دېدى:

«ئوتتۇرا شەرقتە بىر قانچە سەپتە ھەربىي توقۇنۇشقا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن بولغان ھەرىكەتلەردىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يىراق تۇرۇش لازىم.»

ئۇ غەززەدىكى ئىنسانىي كىرىزىسنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى، رايوندا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلىشىدە ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «مەيلى رايون بولسۇن ياكى دۇنيا بولسۇن، ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ» دېدى.

ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىللىرى ئىراننى ئەيىبلىدى. رۇسىيەنىڭ دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلي نېبېنزىيا بولسا، ئىسىرائىلىيەنىڭ 1-ئاپرېل سۈرىيەدىكى ئىران ئەلچىخانا بىناسىغا قىلغان ھۇجۇمىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز ھازىر كۆرگەن نەتىجە شۇكى، دىپلوماتىك ئورۇنغا ھۇجۇم قىلىش، خەلقئارالىق قانۇن بويىچە ئۇرۇش سەۋەبى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر غەربتىكى بىر دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك ئورنى مۇشۇنداق بومباردىمان قىلىنغان بولسا، بۇ يەردە دەرھال ئىنتىقام دەيتتىڭلار.»

ئارقىدىن ئىران دائىمىي ۋەكىلى ئەلى كېرىم ماقام سۆز قىلدى. ئۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسىرائىلىيەنىڭ دەمەشىقتىكى ئىران ئەلچىخانا بىناسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى كۆرمەسكە سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىنىڭ خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر مەسىلىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە باستۇرۇپ قويغانلىقىنى؛ ئىراننىڭ بولسا، قانۇنلۇق ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئىسىرائىلىيەنىڭ ھەربىي بازىلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىسىرائىلىيەنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى گىلاس ئېردان ئىراننىڭ سىياسىي مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىپ، رايون تىنچلىقىغا تەھدىت سالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«خەلقئارالىق جەمئىيەت ئىراننى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك.»

ئىسىرائىلىيە 1-ئاپرېل (2024) ئىراننىڭ سۈرىيە پايتەختى دەمەشىقتىكى ئەلچىخانا بىناسىنى بومباردىمان قىلىپ، يەتتە ئىرانلىقنى ئۆلتۈرگەن ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ ئىككى گېنېرالى بار ئىدى.

ئىران بۇنىڭ دۆلەت زېمىنىغا ھۇجۇم قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئىسىرائىلىيە بولسا، ئىراننىڭ ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىران 13-ئاپرېل كېچىدە ئىسىرائىلىيەگە قارىتىپ يۈزلەرچە ئۇچقۇ ۋە ئونلارچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى. نەتىجىدە، ئىسىرائىلىيەنىڭ بەزى ھەربىي بازىلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىسىرائىلىيە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھاۋا قالقان سىستېمىسى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغانلىقىنى، جەنۇبتىكى ھەربىي بازىغا بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر