ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 18 گە يەتتى

ھىندونېزىيەنىڭ سۇلاۋېسى ئارىلىدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 18 گە يەتتى.

2127690
ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 18 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكاسسار شەھەرلىك ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئىدارىسى باشلىقى مېكسىكانۇس بەقابەل ماكالە يېزىسىدا 18 كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دائىرىلەر يوقاپ كەتكەن ئىككى كىشىنىڭ ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى ھەمدە رايوندىكى تۇمان ۋە يامغۇر سەۋەبىدىن ئىزدەش قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇلاۋېسى ئارىلىنىڭ تانا توراجا رايونىدا يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 4 ئۆي تۇپراق ئاستىدا قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر