ئامېرىكا خۇسىيلارنىڭ ھاۋا قالقان سىستېمىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى

ئامېرىكا يەمەندە ئىران قوللاۋاتقان خۇسىيلارنىڭ ھاۋا قالقان سىستېمىسى، قۇرۇقلۇقتىن كۆزىتىش ئىستانسىسى ۋە قىزىل دېڭىزدا بىر ئۇچقۇسىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2126242
ئامېرىكا خۇسىيلارنىڭ ھاۋا قالقان سىستېمىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى-سېنتكوم (CENTCOM) ئېكس بېتىدە، خۇسىيلارنىڭ ھاۋا قالقان سىستېمىسىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، تۈنۈگۈن (8-ئاپرېل) خۇسىيلار كونترول قىلىۋاتقان رايونلاردا قويۇپ بېرىشكە تەييار ھالەتتە تۇرغان ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بار ھاۋا قالقان سىستېمىسى ۋە قۇرۇقلۇقتىن كۆزىتىش ئىستانسىسىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا قويۇپ بەرگەن بىر دانە ئۇچقۇنىڭمۇ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، خۇسىيلارنىڭ 7-ئاپرېل بىرلەشمە قىسىمنىڭ بىر پاراخوتىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر