پاكىستاندا موتوسىكلىت بومبا پارتلىدى

پاكىستاندا بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان موتوسىكلىتنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە، ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، بەش كىشى يارىلاندى.

2126006
پاكىستاندا موتوسىكلىت بومبا پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ بېلۇچىستان ئىشتاتى قۇزدار شەھىرىدە موتوسىكلىت بومبا پارتلىدى.

پاكىستان ساقچىلىرى موتوسىكلىت بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ھۇجۇمدا، ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، بەش كىشى يارىلاندى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى ساقچى بار.

پاكىستاندا ئەڭ كۆپ تېررورلۇق ۋەقەلىرى بېلۇچىستان ۋە خەيبەر پاختۇنخۇا ئىشتاتلىرىدا يۈز بەرمەكتە.

 2024-يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە، بۇ ئىككى ئىشتاتتا 200 دىن ئارتۇق تېررورلۇق ۋەقەسى بەرگەن بولۇپ، 281 دىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر