رۇسىيەدىكى بىر توسمىدا پارتلاش يۈز بەردى

رۇسىيەنىڭ ئورېنبۇرگ رايونىنىڭ ئورسكى شەھىرىدىكى بىر توسمىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى، ۋەقەدىن كېيىن باشلانغان رايون ئاھالىسىنى كەڭ كۆلەمدە تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2125643
رۇسىيەدىكى بىر توسمىدا پارتلاش يۈز بەردى
rusya'da baraj patladi.jpg
rusya baraj patladi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئورسكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بايانات ئېلان قىلىپ، شەھەرنى كېىسىپ ئۆتىدىغان ئۇرال دەرياسى توسمىسىدا ئېغىر بۇزۇلۇش كۆرۈلۈپ، نۇرغۇن جاينى كەلكۈن بېسىپ كەتكەنلىكىنى نۇرغۇن يېزا جايلاشقان كونا شەھەر ئاھالىسىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پارتلاش كەلكۈن ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەت رايونىدا 4825 ئۆي بارلىقىغا، 10987 كىشىنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، ئاممىنىڭ مەكتەپلەر ۋە تەنتەربىيە زاللىرىغا ئوخشاش ۋاقىتلىق پاناھلىنىش مەركەزلىرىگە ئېلىپ بېرىلىپ، داۋالاش ياردىمى، يېمەك-ئىچمەك ۋە ياتىدىغان جاي تەييارلاپ بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ شەھەر مەمۇرىيىتى مۇلازىمىتى بىلەن بىرلىكتە توسمىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر