بايدىن سىسى ۋە ئال سانىغا مەكتۇپ يوللاپ، ھاماسقا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن مىسىر ۋە قاتار رەھبەرلىرىگە مەكتۇپ يوللاپ، «ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن ھاماسقا بېسىم ئىشلىتىش»كە چاقىردى.

2125574
بايدىن سىسى ۋە ئال سانىغا مەكتۇپ يوللاپ، ھاماسقا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر ئەمەلدارنى مەنبە قىلغان خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن يېقىندا مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى ۋە قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانىغا مەخسۇس مەكتۇپ يوللاپ، مىسىر بىلەن قاتارنى «ئۇرۇش توختىتىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ھاماسقا بېسىم ئىشلىتىش»كە چاقىرغان.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مەكتۇپلارنىڭ ئەۋەتىلىش ۋاقتى مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى — CIA دىرېكتورى بىل بۇرنسنىڭ قاھىرەدە قاتار، مىسىر ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان پەيتكە توغرا كەلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن پەيشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلىشىپ، «غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ قەدەم تاشلىشى»نى تەلەپ قىلغانىدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى دىرېكتورى بۇرنسنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا قاھىرەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر