زېلېنىسكىي رۇسىيەنىڭ 300 مىڭ ئەسكەر سەپەرۋەر قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكى رۇسىيەنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 300 مىڭ ئەسكەرنى سەپەرۋەر قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2124900
زېلېنىسكىي رۇسىيەنىڭ 300 مىڭ ئەسكەر سەپەرۋەر قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنسكى فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «مەن رۇسىيەنى 1-ئىيۇندىن باشلاپ 300 مىڭ قوشۇمچە ئەسكەرنى سەپەرۋەر قىلىدۇ، دېيەلەيمەن» دېدى.

مارتتا «ۋۋورستكا گېزىتى»مۇ 300 مىڭ قوشۇمچە ئەسكەرنىڭ «خاركوۋغا ھۇجۇم قىلىش» ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىنىدىغانلىقىنى يازغانىدى؛  گېزىت پىرېزىدېنت ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا يېقىن بىر مەنبەنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «پىلانغا ئاساسەن، نۆۋەتتە خاركىۋ بار، ئەمما شەھەر ساقلىنىپ قالىدۇ. بۇنى پەقەت شەھەرنى قورشاش ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن. 300 مىڭ كىشى كەم. شۇڭلاشقا، ئىككىنچى سەپەرۋەرلىككە تەييارلىق قىلىش تاماملاندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پىرېزىدېنتى ئاخبارات ئىشلىرى كاتىپى دىمىترىي پېسكوۋ زېلېنسكىينىڭ سۆزىنى رەت قىلدى.

رۇسىيە دۆلەت دۇماسى مۇداپىئە كومىتېتى رەئىسى ئاندرېي كارتاپولوۋ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتنىڭ سۆزىگە باھا بېرىپ: «بىزنىڭ سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىشقا ئېھتىياجىمىز يوق، قوراللىق قىسىملىرىمىزنىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىش سىستېمىسى ناھايىتى ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر