ئامېرىكادىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرى بايدىننى غەززە سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى

ئامېرىكادىكى 80 ئاممىۋى تەشكىلات ۋاشىنگتوننىڭ غەززە سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، پىرېزىدېنت جو بايدىندىن ئامېرىكانىڭ غەززەگە قاراتقان كونكرېت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلدى.

2124862
ئامېرىكادىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرى بايدىننى غەززە سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ غەززە سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە؛ ئامېرىكانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا قۇرۇلغان مۇسۇلمانلارنىڭ 80 ئاممىۋى تەشكىلاتى ۋەكىللىرى، پىرېزىدېنت جو بايدىنغا مەكتۇپ يوللاپ، ئىسرائىلىيەگە يېڭىدىن قورال سېتىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئەرەبلىرى، پەلەستىنلىكلەر ۋە ئۇلارنى قوللايدىغان ھەر خىل ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلاتلار گۇرۇپپىسى مەكتۇپىدا، ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە پەيدا قىلغان كىرىزىسىغا قارىتا قانۇنغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلمىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەكتۇپتا: «ھۆكۈمىتىڭىز ئاممىۋى سۇپىلاردا ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھقا ھۇجۇم قىلىشىنى توسماقچى بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھتا بىر مىللىي تازىلاش ئېلىپ بېرىشىغا يېشىل چىراغ يېقىۋاتىدۇ» دېگەن ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئامېرىكانى كونكرېت تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.

«ئامېرىكا خەلقى نۇتۇق ئۆزگىرىشىنى خالىمايدۇ؛ ئۇلار كونكرېت سىياسەت ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېيىلگەن مەكتۇپتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ غەززە مەسىلىسىدە سىناقتىن تېخىمۇ ياخشى ئۆتۈشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

مۇسۇلمان گۇرۇپپىلار ۋەكىللىرى ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار زىياپىتىگىمۇ قاتناشماي، بايدىنغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر