ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى چېگرا رايونلىرىنى توپقا تۇتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى چېگرا رايونلارنى تەڭ بىرلا ۋاقىتتا زەمبىرەك بىلەن قاتتىق بومباردىمان قىلدى.
2124090
![ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى چېگرا رايونلىرىنى توپقا تۇتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/05df/33bd/1bf4/660d024e7a467.jpg?time=1722046639)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «NNA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى زەمبىرەك ۋە «مېركاۋا» تىپلىق تانكىلار بىلەن چېگرا رايونىدىكى شەھەرلەرنى توپقا تۇتقان.
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋان چېگراسىغا جايلاشقان ئايتا شاب، رامىم، ئەددۇخايرا، ناكۇرا ۋە لەبەنىييە قاتارلىق شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلغان.
تانكا ۋە زەمبىرەكلەر بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.