ئانتونىيو گۇتېررېس ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمنى «ۋىجدانسىزلىق» دەپ ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرى جەريانىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىملىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىگە قارىتا «ۋىجدانسىزلىق» دەپ باھا بەردى.

2124078
ئانتونىيو گۇتېررېس ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمنى «ۋىجدانسىزلىق» دەپ ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتونىيو گۇتېررېس X ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

گۇتېررېس ئۇچۇرىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ قورقۇنچلۇق ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە، غەززەدىكى خەلقئارا مەركىزى ئاشخانا (WCK) تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ  ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ قېتىمقىسىنى قوشقاندا، 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئۆلتۈرگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىملىرى سانىنىڭ 196 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.  

گۇتېررېس بۇلاردىن 175 نەپىرىنىڭ ب د ت خادىملىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىملىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ۋىجدانسىزلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە دەيرەلبەلاھ رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا، خەلقئارا ياردەم تەشكىلاتى «WCK» نىڭ يەتتە خادىمى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر