رۇسىيە: موسكۋادىكى ھۇجۇمنىڭ ئىزلىرى ئۇكرائىناغىچە كېڭىيىۋاتىدۇ

رۇسىيە كونسېرت زالىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئىزىنىڭ ئۇكرائىنا ئىستىخبارات تارماقلىرىغىچە كېڭەيگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2124424
رۇسىيە: موسكۋادىكى ھۇجۇمنىڭ ئىزلىرى ئۇكرائىناغىچە كېڭىيىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە بىخەتەرلىك كېڭىشى كاتىپى نىكولاي پاترۇشېف قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىخەتەرلىك كېڭىشى سېكرېتارلىرىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىدا سۆز قىلدى.

رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى كونسېرت زالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئەمەس، بەلكى رۇسىيەدە چەكلەنگەن دائېشنىڭ ئافغانىستان تارمىقىنىڭ سادىر قىلغانلىقى قارىشىنى تېڭىشقا ئۇرۇنۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن پاترۇشېف، ھۇجۇمنىڭ ئىزلىرىنىڭ بولسا، پۈتۈنلەي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى ھەممە ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان كىيېۋ ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ئۇكرائىنا ئىستىخبارات تارماقلىرىغىچە كېڭەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پاترۇشېف دائېش، ئەلقائىدە ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ ۋاشىنگتون تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

موسكۋادىكى «كروكۇس شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالى» ناملىق كونسېرت زالىدا 22-مارت كەچتە قوراللىق كىشلەر تەرىپىدىن تېررورلۇق ھۇجۇمى سادىر قىلىنىپ، 143 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر