جو بايدىن بىلەن شى جىنپىڭ تېلېفوندا مۇھىم مەسىلەرنى مۇزاكىرىلەشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تېلېفوندا، ئۆزئارا سودا، تەيۋەن بوغۇزى ۋە جەنۇبىي دېڭىز قاتارلىق رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرەلەشتى.

2124163
جو بايدىن بىلەن شى جىنپىڭ تېلېفوندا مۇھىم مەسىلەرنى مۇزاكىرىلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بايدىن بىلەن شىنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، بايدىن بىلەن شى ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق، زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى كۈرەش، سۈنئىي ئەقىلگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلغان.

سۆھبەتتە، بايدىن شى جىنپىڭغا تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، جەنۇبىي دېڭىزدىمۇ ئەركىن سەپەر قىلىش ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى پىرىنسىپلىرىنى قوغداش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بايدىن رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە خىتاينىڭ ياردەم قىلىۋاتقانلىقىدىن ۋە بۇنىڭ ياۋروپاغا شۇنداقلا ئاتلانتىك ئوكياننىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان سەلبىي تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغان.

بايدىن يەنە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا رىقابىتىدە خىتاي يولغا قويۇۋاتقان «ئادالەتسىز سودا ئىجرائاتلىرى» نىمۇ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ، بۇنىڭ ئامېرىكالىق ئىشچىلارغا شۇنداقلا ئامېرىكالىق دېھقانلارغا زىيان سالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، بايدىننىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى رەھبەر «خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئورتاق مەنپەئەت مەسىلىسى» توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.

شى جىنپىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى خىلاپلىق قىلماسلىقى كېرەك بولغان «بىرىنچى قىزىل سىزىق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى نىشان قىلغان بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى شۇنداقلا بۇلارنىڭ سىرتتىن رىغبەتلەندۈرۈلىشى ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىنىشى ئالدىدا قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرالمايمىز» دېگەن.

خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ يەنە، ئامېرىكانىڭ كۈنسېرى تېخىمۇ كۆپ خىتاي شىركەتلىرىنى ئىمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ خەتەرنى يوقىتىش ئەمەس، بەلكى يېڭى خەتەرلەرنى پەيدا قىلغانلىقتۇر» دېگەن.

شى بىلەن بايدىن ئۇكرائىنا كىرىزىسى ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغان.

خىتاي رەھبىرى سۆھبەتتە يەنە، دۆلىتىنىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق، جەنۇبىي دېڭىز ۋە باشقا مەسىلىلەرگە تۇتقان مەيدانىنى بايدىنغا يەتكۈزگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر