ب د ت سۈرىيەدىكى ۋەزىيەتنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ب د ت ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىپ، رايوندىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ كېڭىيىشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2124109
ب د ت سۈرىيەدىكى ۋەزىيەتنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ باش كاتىپ ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىياننىڭ گۇتېررېس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ باش كاتىپ گۇتېررېسنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «رايوندا جىددىي ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىمىز» دېدى.

ئىراننىڭ دەمەشىقتىكى ئەلچىخانا بىناسىغا تۈنۈگۈن (2-ئاپرېل) قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ ئىككى گېنېرالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى. ھۇجۇمدا ئالتە سۈرىيەلىكنىڭمۇ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 13 ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.

ئىران ھۇجۇمنى ئىسىرائىلىيەنىڭ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، تېل ئاۋىۋ جىمجىتلىقىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.

ئىران ۋەقەدىن كېيىن ئۆچ ئالدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە بۇنىڭغا ئامېرىكانىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر