ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

پېدرو سانچېز ئۈچ كۈنلۈك ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى بولغان ئىئوردانىيەگە كېتىۋىتىپ ئايروپىلاندا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

2123584
ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سانچېز ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك  ئاپرىلدىن ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا خەلقئارا جەمئىيەتتە مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،  مۇشۇ بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا پەلەستىننى ب د ت نىڭ تولۇق ئەزاسى دەپ ئېتىراپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان مۇزاكىرىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

سانچېز ئىرېلاندىيە، مالتا ۋە سلوۋېنىيە باش مىنىستىرلىرى بىلەن پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن ماقۇللىغان ئورتاق قارارنىڭ مۇۋاپىق شارائىت ھازىرلانسا، يازدىن بۇرۇن ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىسپانىيەنىڭ ئالدى بىلەن پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش قارارىنى مىنىستىرلار كېڭىشىدە ماقۇللايدىغانلىقىنى ۋە ئاندىن پارلامېنتقا سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سانچېز ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ئوچۇق ئۇرۇشتا رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ <پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش> دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىسپانىيە باش مىنىستىرى ئىئوردانىيەدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قاتارغا بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر