ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە كورېيە يېرىم ئارىلىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى

جەنۇبىي كورېيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياپونىيە كورېيە يېرىم ئارىلىدا ھاۋا ئارمىيەسى بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزدى.

2123847
ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە كورېيە يېرىم ئارىلىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن، جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ۋە ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، جەنۇبىي كورېيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىغا يېقىن جايدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكى، مانېۋرىغا يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە B-52 بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنىڭ قاتناشقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇنىڭ بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىلنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۈچ تەرەپ بىرلەشمە مانېۋىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، مانېۋىرنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىنى توسۇش ۋە مانېۋىرغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ تەھدىتىگە قارشى بىرلەشمە مانېۋىرلارنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ياپونىيە بۈگۈن شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو ۋەقەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھەمدە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگىلا ئەمەس، رايون ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. بۇنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەنىدى.

ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابى شىمالىي كورېيەنى «قانۇنسىز شۇنداقلا مۇقىمسىزلاشتۇرغۇچى ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشقا» چاقىرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر